ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ، ۋاقىتلىق دەرسخانا ۋە تازىلىق ئەسلىھەلىرىنىڭ ياخشى بولماسلىقى نۇرغۇن بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

بىزگە مەلۇم، مىكروسوفتنى بىل گايتىس ۋە پائول ئەللېن قاتارلىقلار ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70ـيىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قۇرغان بولۇپ، شىركەت 44 يىللىق تارىخنى بېسىپ ئۆتتى. باش شىتابى ۋاشىنگتوندا تەسىس قىلىنغان. كەڭ كۆلەمدىكى كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال مۇلازىمىتى كەسپىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ياساش، ھوقۇق بېرىش ۋە تەمىنلەشنى ئاساس قىلىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خۇسۇسىي كومپيۇتېر مەشغۇلات سىسىتېمىسى تەمىلەش شىركىتى. بۇلتۇر كىرىمى تۇنجى قېتىم 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، 110 مىليارد 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 740 مىليارد يۈەن) غا يەتتى، بۇ ئاساسلىقى شىركەتنىڭ مۇشۇ بىر نەچچە يىلدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تىپ ئۆزگەرتكەنلىكىدىن بولدى. كارخانا بىر ئەنەنىۋى يۇمشاق دېتال بىلەن تەمىنلەش ئورنىدىن دۇنيا بۇلۇت ھېسابلاش ساھەسىدىكى باشلامچىغا ئايلاندى.