مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋە شەرقىي تۈركىستان تارىخى

بۇ تەتقىقاتىمىز ئارقىلىق، ئاق – قارىنى پەرق ئەتكۈدەك بولغاندىن تارتىپ تاكى ئاخىرقى تىنىقى توختىغانغا قەدەر بارلىقىنى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشىگە ئاتىغان، مۈشكۈل شارائىتلاردىمۇ ۋەتەن دەۋاسى ۋە ئەل خىزمىتى ئۈچۈن يول تېپىپ ئىلگىرىلەپ ماڭغان، قىلىچىنى، قەلىمىنى ۋە سۆزلىرىنى قورال قىلىپ ئىشلەتكەن، مۇدەررىس، ئوقۇتقۇچى، ئەسكەر، قوماندان، ئىنقىلاب رەھبىرى، تارىخچى، شائىر، تەرجىمان، يازغۇچى ۋە دۆلەت ئەربابى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانى ئازراق بولسىمۇ تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلدۇق. ئارزۇيىمىز شۇكى، ۋەتىنىمىزدە تېررورچى قىزىل خىتاي دۆلىتى سادىر قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئارىسىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىتتىپاقسىزلىق سەۋەبىدىن رەھبەر ئىزدەش ئىستىكىدە يۈرۈۋاتقان ياشلارغا مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ھەزرىتىم ئۆرنەك ۋە ئۈلگە بولغۇسى!

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، شەرقىي تۈركىستان تارىخى ھەققىدە يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى خىتاي ئىشغالچى كۈچلىرىنىڭ مۇستەملىكىسىنى يوللۇق كۆرسىتىش مەقسىتىدە يېزىلغان ياكى ئىرانغا ئوخشاش قوشنا ئەمما دۈشمەن مىللەتلەر تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان. مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ ئىپادىسى بويىچە بۇ خىلدىكى ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى «قەلەم ئىنتىقامى ۋە چۆچەكتىن ئىبارەت». تارىخ ساھەسىدە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ قەلىمىدىن چىققان كەڭ دائىرىلىك ۋە ئەڭ مۇھىم ئەسەر 1934 – يىلى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ يىقىلىشى بىلەن ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان مۇھەممەد ئەمىن بۇغرانىڭ كابۇلدا يازغان «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق ئەسىرىدۇر. تەتقىقاتىمىزنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمىدە بۇ قىممەتلىك ئەسەرنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدۇق.

جانابى ئاللاھ مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ھەزرىتىمنىڭ ۋە ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن بارلىقىنى پىدا قىلىشتىن قىلچە ئىككىلەنمىگەن رەھبەرلىرىمىزنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ قوينىدا، كۆك بايراق ئاستىدا ھۆر ياشاش ئۈچۈن ئاخىرقى تىنىقىمىزغىچە كۈرەش قىلىشقا نېسىپ قىلسۇن!

ئاخىردا، بۇ ئەسەرنىڭ رۇياپقا چىقىشىدا ياردىمىنى ئايىمىغان ۋە يېقىندىن قوللىغان ئائىلەمگە، مۇھەممەدئەلى ئەلىئوغلىغا، ئابدۇللاھ قاراقاشقا ۋە ئەۋلاد گۇرۇپپىسىغا، جۈملىدىن نەشرگە تەييارلاشتا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان قېرىندىشىم فارۇق مۇھتەرەمگە رەھمەت ئېيتىمەن.

 

 

ئابدۇللاھ ئوغۇز، ئىستانبۇل

Copyright © 2025 farabi.org.tr. All Rights Reserved.